خىتاينىڭ ئون كۈرەشچى ئايروپىلانى تەيۋەن بوغۇزى ئوتتۇرا سىزىقىدىن ئۆتتى

خىتاينىڭ ئون كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ سەزگۈر ھالەتتە تۇرۇۋاتقان تەيۋەن بوغۇزى ئوتتۇرا سىزىقىدىن ئۆتكەنلىكى بايقالغاندىن كېيىن، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ يەنە تۆت ئۇرۇش پاراخوتىنىڭمۇ بىرلىكتە رايوننى چارلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن بۇ بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە خىتاي رېجىمىنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھەربىي پائالىيىتىنى كۆپەيگەنلىكىنى دوكلات قىلغان. ئالدىنقى پەيشەنبە خىتاينىڭ 37 ھەربىي ئايروپىلانى تەيۋەننىڭ ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونىغا كىرگەندىن كېيىن، بەزىلىرى تىنچ ئوكياننىڭ غەربىگە قاراپ ئۇچقان.

مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىن نەقىل قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 11-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 2 گىچە، خىتاي رېجىمىنىڭ J-10، J-11، J-16، سۇكەي-30، H-6 قاتارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئايروپىلانى 24 قېتىم بايقالغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئون ئايروپىلان تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئوتتۇرا سىزىقىدىن ئۆتكەن. خىتاي رېجىمىنىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ھاۋا چارلاش ئەترىتى بىلەن ماس ھالدا تۆت پاراخوت قاتناشقان. تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەيۋەن ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى تولۇق كونترول قىلىپ تۇرغانلىقىنى ھەمدە يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەن ئارمىيەسى 10-ئىيۇن گاۋشيۇڭ شەھىرىدە دېڭىز قىرغىقى مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، مانېۋىرغا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، بىرونېۋىك، دېڭىز چارلاش كېمىسى قاتارلىق ئىلغار ئۇرۇش ئۈسكۈنىلىرى قاتناشتۇرۇلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 844 قېتىم كۆرۈلدى
13/06/2023 14:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق