ئامېرىكا ئېكسپورت كونترول قىلىش تىزىملىكىگە يەنە 43 ئورۇننى قوشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ 31 شىركەت، ئورگىنى ۋە خىتايغا ھەربىي ئۇچقۇچىلارنى تەربىيەلەپ بېرىدىغان چەت ئەل شىركەتلىرىمۇ بار ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېڭىدىن 43 شىركەت، ئورگاننى ئېكسپورت كونترول قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولۇپ، مەزكۇر ئورگان ۋە شىركەتلەر ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە زىت كېلىدىغان پائالىيەتلەر ۋە تىجارەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، جازا تىزىملىكىگە قوشۇلغان.
بۇ قېتىم ئېكسپورت قىلىش چەكلەنگەن شىركەتلەر چېگرا مۇلازىمەت گۇرۇھىنىڭ خىتاي، كېنىيە، لائوس ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى تارماق ئاپپاراتلىرىنى، جەنۇبىي ئافرىقا سىناق ئۇچقۇچىلار ئاكادېمىيەسىنىڭ جەنۇبىي ئافرىقا، خىتاي، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە ئەنگلىيەدىكى تارماق ئاپپاراتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاي ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ (AVIC) خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تارماقلىرىمۇ ئېكسپورت چەكلەنگەن ئورگانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىم خىتاينىڭ جەمئىي 31 شىركەت، ئورگىنى بۇ تىزىملىككە قوشۇلغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىپ، خىتاينىڭ ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان قورال ياساش ساھەسىدىكى ھەربىي زامانىۋىلىشىش پىلانىنى قوللىغان.
ئۇندىن باشقا خىتاي ۋە پاكىستاننىڭ توققۇز شىركىتى پاكىستاننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش پىلانى ۋە باشقا قوراللارنى ياساشقا ياردەم قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
يەنە ئىككى شىركەتنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈش سەۋەبى بولسا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى باستۇرۇش قىلمىشىغا ياردەم بەرگەنلىكى ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ