خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكى تاشقى ئىشلار بۆلۈمىنىڭ ئەرەب- ئىسلام ئەللىرى ئالاقە مۇناسىۋەت مەسئۇلى، ئەرەب-خىتاي مۇناسىۋىتى تەتقىقاتچىسى مۇھەممەد ئەمىن ئۇيغۇر 10-ئىيۇن خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاكادېمىيەسىدە يېڭىدىن تەيىنلەنگەن لىۋىيەنىڭ تېھراندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەلى ئۇبەيدۇللاھ بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتتە تارقىتىۋاتقان تەشۋىقاتلىرىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ ئائىلە كەچۈرمىشلىرى ۋە يېقىنقى مەزگىللەردە شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ئېلان قىلغان ئىشەنچلىك دوكلاتلارنى دەلىل قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداۋاتقانلىقىنى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتى ۋە تېررور سىياسىتىنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ