كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شىڭ خەيمىڭنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا قارشى نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، خىتايمۇ كورىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتىپ نارازىلىق بىلدۈردى.
گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 9-ئىيۇن كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ كورىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شىڭ خەيمىڭنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ «ئامېرىكىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا، خىتاينىڭ مەغلۇب بولۇشىغا دو تىكىشى ئېنىقلا خاتا ھۆكۈم» دېگەن سۆزىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن بولۇپ، ئارقىدىن خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نوڭ روڭ 10-ئىيۇن كورىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خو چۇڭجېنى چاقىرىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاينىڭ كورېيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئورگان تور بېتىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، شىڭ خەيمىڭ لى جېميۇڭ بىلەن كۆرۈشكەندە نۆۋەتتىكى خىتاي-كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۆپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ خىتاي تەرەپتە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە خىتاينىڭ ئەزەلدىن كورىيەنىڭ يادرولۇق ئەندىشىسىگە ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنلىكى، كورىيەمۇ خىتاينىڭ يادرولۇق مەسىلىسىگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكى، تەيۋەن مەسىلىسى خىتاينىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ئىكەنلىكى، كورېيە تەرەپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خىتاي ئەمەلدارىنىڭ سۆزى سېئۇل ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان بولۇپ، 9- ئىيۇن كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چاڭ خوجىن خىتاي باش ئەلچىسى شىڭ خەيمىڭنى چاقىرىپ، خىتاي تەرەپنىڭ دىپلوماتىك قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كورىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، چاڭ خوجىن خىتاينىڭ كورىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ توغرا بولمىغان پاكىت ئارقىلىق ساھىبخان دۆلەتنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلىش قىلمىشىنى كەچۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇ خىل سۆزلەرنىڭ كورىيەنىڭ ئىچكى سىياسىتىگە ئارىلاشقانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇرغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ