ھىندىستان: چېگرا ۋەزىيىتى يەنىلا خەتەر ئىچىدە

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چېگرا ۋەزىيىتىنىڭ يەنىلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى، خىتاي بىلەن ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن مۇۋاپىق يول تېپىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۇبراخمانيام جايشانكار 8-ئىيۇن يېڭى دېھلىدا ھىندىستان بىلەن خىتاي چوقۇم ھىمالايانىڭ غەربىي چېگراسىدىكى يوشۇرۇن توقۇنۇشتىن ساقلىنىشنىڭ يولىنى تېپىشى كېرەكلىكىنى، ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىشتىكى چېگرادا ئەسكەر كۆپەيتىش ھەرىكىتىنىڭ يادرو قورالغا ئىگە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇبراخمانيام جايشانكار تاراتقۇلارغا: «ئىككى دۆلەت چوقۇم چېگرادىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش يولىنى تېپىشى كېرەك. نۆۋەتتىكى تىركىشىش خىتاي مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس» دېگەن.

جايشانكارنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككى تەرەپ بىر قانچە قېتىم ھەربىي ۋە دىپلوماتىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش سەۋەبلىك ئىككى ئارمىيە ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت نىسبەتەن پەسەيگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 3-ئايدا چېگرا ۋەزىيىتى يەنىلا خەتەرلىك سەۋىيەگە يەتكەن.

جايشانكار سۆزىدە يەنە ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق ئالاقىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، بىر قانچە ھەربىي ۋە دىپلوماتىك ئالاقە تەرتىپىنىڭ بارلىقىنى، بۇ تەرتىپنىڭ داۋاملىق رول ئوينايدىغانلىقىنى، نېمىلا دېگەن بىلەن چېگرادىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ئىنتايىن نازۇك جەريانلارنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى، بۇ تەرتىپلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان 3500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرانى بويلاپ توقۇنۇشۇۋاتقان بولۇپ، بۇ رايون يەنە «ئەمەلىي كونترول سىزىقى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يىللاردىن بېرى ئىككى تەرەپ توختىماي كۈچ سىنىشىۋاتقان بولۇپ، خىتاي تىبەتنىڭ بىر قىسمى دەپ دەۋا قىلىدىغان ئارۇناچال پرادېشنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى تىبەتنىڭ بىر قىسىمى دەپ دەۋا قىلىپ كەلگەن. ھىندىستان بولسا خىتاي 1962-يىلىدىن باشلاپ لاداختا ئىشغال قىلىۋالغان 37 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق ئاقساي چىن رايونىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 706 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2023 19:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق