ھىندىستاننىڭ خىتايدىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە

دۇنيانىڭ يېڭى ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولىدىغان دۆلەت بارا-بارا ئاشكارا بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ھىندىستاننىڭ بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى خىتايدىن ئېشىپ كېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاسىيا يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى يارقىن نۇقتا بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ھىندىستاننىڭ خىتاينى ئارقىدا قالدۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلنىۋاتقان بولۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى 2023-يىلى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %2.7 ئېشىشىنى، ھىندىستاننىڭ %6، خىتاينىڭ %5.4 ئېشىشىنى مۆلچەرلىگەن بولۇپ، دوكلاتتا تۈركىيەنىڭ ئېشىش مۆلچەرى %3.6 كە كۆتۈرۈلگەن.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ھىندىستاننىڭ 2022-يىللىق پۈتۈن يىللىق ئېشىش سۈرئىتىنىڭ مۆلچەردىكىدىن يۇقىرى بولغان يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك چىقىمىدىن كېيىن بۇ يىلمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.

بۇنىڭدىن باشقا، ھىندىستان مەركىزى بانكىسىنىڭ 2024-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئوتتۇراھال ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشكە يۈزلىنىشىدىن ئۈمىد بار بولۇپ، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى كلارې لومباردېللى: «ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ باشلىنىشى، تەمىنلەشتىكى توسالغۇنى پەسەيتىش ۋە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشى، كۈچلۈك ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە بىر قەدەر كۈچلۈك ئائىلە ئىقتىسادى بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ھەممىسى مۆلچەردىكى ئەسلىگە كېلىشكە ھەسسە قوشىدۇ» دېگەن.

ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇرۇپ: «مەركىزىي بانكىلارنىڭ پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق چىڭىتىپ، پۇل-مۇئامىلە بازىرىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى، بۇنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى يەنىلا ئاجىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 724 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2023 19:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق