دوكلات: خىتاي بىر يىل ئىچىدە يەنە 60 يادرو ئوق بېشى كۆپەيتتى

ئىستوكھولم خەلقئارا تىنچلىق تەتقىقات ئىنستىتۇتى (SIPRI) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا، يادرو ئوق بېشىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۆپىيىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاينىڭ 2022-يىلى 1-ئايدا 350 يادرو ئوق بېشى بارلىقى ۋە بۇ ساننىڭ 2023-يىلى 1-ئايدا 410 غا يەتكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

باش شىتابى شىۋېتسىيەنىڭ ئىستوكھولمغا جايلاشقان قوراللىق توقۇنۇش، ھەربىي چىقىم ۋە قورال سودىسى، قورالسىزلىنىش ۋە قورال كونترول قىلىش قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىدىغان SIPRI يادرو ئوق بېشى بار دۆلەتلەر ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى.

مەزكۇر ئىنستىتۇت دۇنيا مىقياسىدا 12 مىڭ 512 يادرو ئوق بېشى بارلىقىنى بايان قىلىپ، ئۇلارنىڭ 9576 سىنىڭ ئىشلىتىشكە بولىدىغان ئوق بېشى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 3844 دانە ئوق بېشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئايروپىلانلار بىلەن بىر ئامباردا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 2000 دانىسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىك ھۇشيارلىقتا ۋە مەشغۇلاتقا تەييار ھالەتتە ئىكەنلىكىنى، يەنى ئۇلارنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياكى يادرو بومباردىمانچى ئايروپىلانلارغا ئورنىتىلغان ھالدا ھاۋا ئارمىيە بازىلىرىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا ئوق بېشىنىڭ %90 نىڭ ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ ئامبىرىدا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ھەر ئىككى دۆلەتتە يادرو ئېنېرگىيىسىگە بولغان ئاشكارىلىق تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، 2022-يىلى ئۇلارنىڭ يادرو قورال ئامبىرىنىڭ ئۆلچىمى بىر قەدەر مۇقىم ھالەتتە تۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان.

دوكلاتنىڭ ئەڭ دىققەت قوزغىغان نۇقتىسى بولسا، خىتاي 2022-يىلدىن 2023-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يادرو قورال ئامبىرىغا يېڭىدىن 60 دانە يادرو ئوق بېشىنى قوشقان بولۇپ: «خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرى 2022-يىلى 1-ئايدىكى 350 ئوق بېشىدىن 2023-يىلى 1-ئايدىكى 410 غا كۆپەيدى، مۆلچەرلىنىشىچە داۋاملىق ئۆرلىشى مۇمكىن» دېگەنلەر قەيت قىلىنغان.

SIPRI ئەمەلدارى ھانس كرىستېنسېن خىتاي توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتقا مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا: «خىتاي يادرو قورال ئامبىرىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتىشكە باشلىدى. بۇ يۈزلىنىشنى خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كېرەكلىك ئەڭ تۆۋەن يادرو كۈچكە ئىگە بولۇش نىشانى بىلەن ماسلاشتۇرۇش كۈنسىرى تەسلىشىۋاتىدۇ» دېگەن.

دوكلاتتا ئامېرىكا، رۇسىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، خىتاي، ھىندىستان، پاكىستان، شىمالىي كورىيە ۋە ئىسرائىلىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتنىڭ يادرو ئوق بېشى بارلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، يادرو ئوق بېشىنىڭ سانى «ئورۇنلاشتۇرۇلغان» ۋە «ئامباردا ساقلانغان» دەپ ئىككىگە ئايرىلغان.

نۆۋەتتە خىتايدا 410، ھىندىستاندا 164، پاكىستاندا 170، شىمالىي كورىيەدە 30، ئىسرائىلىيەدە 60 دانە ساقلانغان يادرو ئوق بېشى بار ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ئامبار زاپىسىدا 5224 يادرو ئوق بېشى، رۇسىيەنىڭ 5889، ئەنگلىيەنىڭ 225، فىرانسىيەنىڭ 290 يادرو ئوق بېشى بار ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 696 قېتىم كۆرۈلدى
12/06/2023 19:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق