رۇسىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ باشلىقى ۋالېرىي گېراسىموف رۇسىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان كۈچلۈك ھەربىي ھەمكارلىقىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنى مۇقىملىق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى تاجاۋۇزچىلىق ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ قوماندانى گېراسىموف يۇقىرىقى سۆزنى خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باش ئىشتابىنىڭ ئىشتاب باشلىقى ليۇ جېنلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سىنلىق يىغىنىدا قىلغان.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تارقاتقان سىنلىق خەۋەردە گېراسىموف ليۇ جېنلىغا: «رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ھەمكارلىق تىرىشچانلىقى يەر شارى ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇردى» دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە: «ئىشىنىمەنكى، بۈگۈنكى يىغىن بىزنىڭ رۇسىيە-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك مۇداپىئە شېرىكچىلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ» دېگەن.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ يەنىلا ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنىڭ ئوق مەركىزى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، رۇسىيە 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇكرائىناغا تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى باشلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشقان. غەرب دۆلەتلىرى رۇسىيەگە ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزگەن بولسىمۇ، خىتاي رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئېنىق ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ كەلمەكتە. ئۇندىن باشقا، بۇ يىل 3-ئايدا شى جىنپىڭ موسكۋادا زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە يېڭى دەۋرنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ