ئامېرىكا يەنە ئىككى خىتاي شىركىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقى سەۋەبلىك جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكا ئاۋازنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 9-ئىيۇن خىتاينىڭ پىرىنتېر ئىشلەپچىقىرىدىغان ناسىدا چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۇنىڭ سەككىز تارماق شىركىتىنى ئېكسپورتنى كونترول قىلىش تىزىملىكىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر شىركەتكە قارىتىلغان جازا شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىغا چېتىشلىق ئىكەن.
بۇ خەۋەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان ژۇرنىلى «فېدېراتسىيە ئاخبارات تىزىملاش»دا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ قارارنى ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى چىقارغان. جازا تىزىملىكىدە يەنە ئاتالمىش «شىنجاڭ» جۇڭتەي خىمىيە سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىمۇ بار ئىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ناسىدا شىركىتى 2000-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 2014-يىلى خىتايدىكى 500 كۈچلۈك شىركەت قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. بۇ شىركەت نۆۋەتتە لازېر پىرىنتېر ماشىنىسىنىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولى لايىھەسىدە دۇنيا بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، شىركەتنىڭ سودىسى 150 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلايدىكەن.
ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ھۆكۈمىتى» بىلەن ھەمكارلىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورۇنلىرىغا قاماپ، ئىشلەپچىقىرىش، يۆتكەش ئىشلىرىنى قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.
نۆۋەتتە يەنە قۇياش ئېنېرگىيەسى ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقارغۇچى ئاتالمىش «شىنجاڭ» داكو ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى، خېشېڭ كىرىمنىي سانائىتى چەكلىك شىركىتى (پىچان ناھىيەسىدە) ۋە خىتاي كومپارتىيەسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولغان ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دىۋىزىيەسى قاتارلىق جەمئىي 22 خىتاي شىركىتى ۋە ئورگانلىرى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا ئالاقىدار تارماقلىرى ئۆتكەن يىلى يازدىن باشلاپ، تەخمىنەن 1 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق مالنى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن مۇناسىۋىتى بولغانلىقى سەۋەبلىك ئالاھىدە تەكشۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ