رۇسىيە ئارمىيەسى خىتاينىڭ بىرونېۋىكلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى

رۇسىيە ئىشغالىيىتىدىكى چېچىنىيە رايونىنىڭ رەھبىرى رامىزان قادىروف رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدە خىتايدا ياسالغان بىرونېۋىكلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى دەلىللىدى.

مۇداپىئە بىلوگى تورىنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، رامىزان قادىروف ئېلان قىلغان سىنلىق فىلىمدا «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەت ئۇكرائىنا ئۇرۇشى»غا قاتناشقان چېچەن قىسىملىرىنىڭ خىتايدىن سېتىۋېلىنغان يېڭى ئاپتوموبىللارنى تاپشۇرۇۋالغان كۆرۈنۈشلەر ئېلان قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە مەزكۇر يېڭى ئاپتوموبىل خىتاي مۇداپىئە شىركىتى شەنشى باۋجى ئالاھىدە ئاپتوموبىل ياساش شىركىتى ياساپ چىققان Tigr 4 × 4 برونېۋىك ئىكەن. يولۋاسسىمان ساۋۇت ناملىق برونېۋىكقا قوماندان ۋە شوپۇردىن باشقا، تولۇق قوراللانغان توققۇز پىيادە ئەسكەر سىغىدىكەن.

ئۇندىن باشقا خىتايدىن سېتىۋالغان ھەربىي ئاپتوموبىللىرى ئىچىدە ئۇرۇشتا ھەر خىل روللارنى ئالىدىغان چارلاش ئاپتوموبىلى، ساقچى ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قوماندانلىق ئورنى ئاپتوموبىلى ۋە قورال توشۇغۇچى ئاپتوموبىللار بار ئىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ئىشلەپچىقارغان يولۋاسسىمان برونېۋىك 2012-يىللىق ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تونۇشتۇرۇلغاندىن بۇيان، باھاما، بولىۋىيە، سومالى ۋە تاجىكىستان قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەرگە سېتىلغان.

قادىروف ئۇكرائىنادىكى بۇخا، ئىرپىن، مارىيپول، باقمۇت ۋە دونېتسىكتىكى پۇقرالارنى رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرۈش ۋە قىيناش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەمدە رەھبەرلىك قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 998 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2023 15:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق