خىتاي بىلەن رۇسىيە ھاۋا بوشلۇقىدا بىرلەشمە چارلاشنى يولغا قويدى

يېقىندىن بېرى خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە يېقىنلاشقان بولۇپ، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئالتىنچى قېتىملىق بىرلەشمە ھاۋا بوشلۇقى ئىستراتېگىيەلىك چارلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويدى.

خىتاي مۇداپىئە ئارمىيە ئىشلىرى تورىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي-رۇسىيە ئارمىيەلىرىنىڭ يىللىق ھەمكارلىق پىلانىغا ئاساسەن، 6-ئىيۇن ئىككى تەرەپ ياپونىيە دېڭىزى، شەرقىي دېڭىزدىكى ئالاقىدار ھاۋا بوشلۇقىدا ئالتىنچى قېتىملىق بىرلەشمە ھاۋا بوشلۇقى ئىستراتېگىيەلىك چارلاشنى تەشكىللەپ يولغا قويغان.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 8-ئىيۇن خىتاي-رۇسىيە 6-نۆۋەتلىك بىرلەشمە ھاۋا بوشلۇقى ئىستراتېگىيەلىك چارلاش جەريانىدا، ئىككى دۆلەتنىڭ بىنورمال ھالدا ھەربىي ئايروپىلانلارنى ئەۋەتكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلغان. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت رۇسىيە ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ خىتاي ئايرودۇرۇمىغا قونۇپ ئۇچقانلىقىنى ئېلان قىلغان خەۋەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان.

خىتاي-رۇسىيە بىرلەشمە ھاۋا ئىستراتېگىيەلىك چارلاش مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرى خەۋەر ئېلان قىلىپ، خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 6-ۋە 7-ئىيۇن كۈنلىرى خىتاي ۋە رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ يىللىق ھەمكارلىق پىلانىغا ئاساسەن، 6-ئىيۇن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىك ھاۋا بوشلۇقىدا ئالتىنجى قېتىملىق بىرلەشمە ھاۋا ئىستراتېگىيەلىك چارلاش ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يەنە شەرقىي خىتاي دېڭىزى، غەربىي تىنچ ئوكيان ھاۋا بوشلۇقى 6-بىرلەشمە ھاۋا ئىستراتېگىيەلىك چارلاشتىكى ئىككىنچى باسقۇچلۇق ۋەزىپە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 778 قېتىم كۆرۈلدى
10/06/2023 15:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق