ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنىنى بىكار قىلىدىغان قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، خىتاينىڭ «تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دېگەن ئورنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش سىياسىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، 8-ئىيۇن كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى «خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش» ناملىق قانۇن لايىھەسىنى بىردەك ماقۇللىغان. بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ، شەرتنامىلەر ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار ئارىسىدا داۋام قىلىۋاتقان خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنىدىن مەنپەئەتلىنىشىگە قارشى تۇرىدىكەن.
بۇ قانۇن لايىھەسى يەنە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى نۆۋەتتىكى شەرتنامە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش مېخانىزمى ئىچىدە خىتاينىڭ ئورنىنى تەرەققىي تاپقان دۆلەتكە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىكەن.
مارىلاند ئىشتاتى دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن كىرىس ۋان خولېن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا: «خىتاي تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت» دېگەن ئورۇندىن پايدىلىنىپ كۆپ تەرەپلىك كېلىشىملەردە تېگىشلىك بولمىغان مەنپەئەتكە ئېرىشتى» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، «خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلىك ئورنىنى ئاخىرلاشتۇرۇش قانۇنى» كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، كېلەر قېتىم كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي يىغىنىدا بېلەت تاشلاپ ماقۇللاش ئۈچۈن ئەۋەتىلىدىكەن. كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ قانۇن لايىھەسىگە قاچان بېلەت تاشلايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، قانۇن لايىھەسىنىڭ قانۇنغا ئايلىنىشى ئۈچۈن چوقۇم ئاۋام پالاتاسى ۋە كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى، كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ بىردەك ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى، ئاندىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى تەرىپىدىن ئىمزالىنىشى كېرەك ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ