ياپونىيە بىخەتەرلىك دائىرىلىرى 7-ئىيۇن تۆت خىتاي پۇقراسىنى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن تەخمىنەن 700 كىلوگىرام قانۇنسىز روھلاندۇرغۇچى دورا ئەتكەسچىلىكى جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى.
مەزكۇر ماللارنىڭ مۆلچەردىكى بازار قىممىتى 43 مىليارد 400 مىليون يېن (311 مىليون دوللار) بولۇپ، ياپونىيە تارىخىدا مۇسادىرە قىلىنغان ئىككىنچى چوڭ زەھەرلىك ماددا ئەتكەسچىلىكى ئىكەن.
مەزكۇر روھلاندۇرغۇچى دورىلار بۇ يىل مارتتا خىتاي ئارقىلىق توكيو پورتىغا يېتىپ كەلگەن ۋە توكيو تاموژنىسى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن بولۇپ، توكيو ساقچىلىرى خەلقئارالىق ئەتكەسچىلىك ھالقىسىغا چېتىشلىق دەپ گۇمان قىلىپ، يوشۇرۇن باغلىنىشنى تەكشۈرمەكتىكەن.
ساقچىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ تۆت خىتاي گۇماندارنىڭ يېشى 35 ياشتىن 51 ياشقىچە بولۇپ، توكيو ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يوكوخاما ۋە كاۋاساكىدا تۇرىدىكەن.
ئۇلارنىڭ ئىككىسى باشقىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، دۇبەيدىن يولغا چىققان خىتاي يۈك پاراخوتلىرىدىكى ماللار ئىچىگە زور مىقداردىكى روھلاندۇرغۇچى دورىلارنى يوشۇرۇپ ئىمپورت قىلغان بولۇپ، توكيو تاموژنىسى تەكشۈرۈش جەريانىدا گۇمانلىق ماددىلارنى بايقىغان ۋە بۇ ماللارنىڭ كىملەرگە يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن دەسلەپتە ماللارغا چېقىلمىغان. نەتىجىدە مەزكۇر ماللار چىبا ۋىلايىتىدىكى بىر شىركەتنىڭ ئۆيىگە توشۇلغان بولۇپ، ساقچىلار يۈكنى ئىز قوغلاش نەتىجىسىدە مەزكۇر تۆت خىتاينى قولغا ئالغان.
ياپونىيىدىكى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ روھلاندۇرغۇچى ماددىلارنى مۇسادىرە قىلىش دېلوسى 2019-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شىزۇئوكا ناھىيەسىدىكى دېڭىز ساھىلىدا تەخمىنەن بىر توننا ماددا قولغا چۈشۈرۈلگەن ۋە ئۇنىڭغا چېتىشلىق يەتتە خىتاي قولغا ئېلىنغانىدى.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر