ژۇرنالىست بوللىنگېر: ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرىكى يوق

ژۇرنالىست ماتىئاس بوللىنگېر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى ھەققىدە نەچچە يىل ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «يۇقىرى تېخنىكىلىق گۇلاگ: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئۆتكۈزگەن جىنايىتى» ناملىق كىتابىنى يېزىپ چىققان.

نۇقتىئىنەزەر تورىنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ماتىئاس بوللىنگېر مەزكۇر كىتابى ھەققىدە يازغۇچى ئەنىسە يىلماز خانىمنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتقىقاتنى قانداق شەكىلدە ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ھەققىدە توختالغان.

بوللىنگېر جاۋابىدا خىتايدا مۇخبىر بولۇپ ئىشلىگەن بەش يىلدا شەرقىي تۈركىستانغا ئۈچ قېتىم بارغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ بارغانچە يامانلاشقانلىقىنى، خىتاي رايونلىرىدىمۇ ھەرقانداق بىرىنى زىيارەت قىلسىلا، ئەتراپتا ساقچىلار كۆپىيىپ ئارىلىشىشقا باشلايدىغانلىقىنى ۋە دەرھال مۇخبىرلارنىڭ مەزكۇر كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا بولسا ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ھەر قانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ 24 سائەت نازارەت ئاستىدا ياشايدىغانلىقىنى، ھېچكىمنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتى بەرمەيدىغانلىقىنى، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتى ئەمەس، بەلكى نورمال ئەھۋالدا كىشىلەر بىلەن ئەركىن پاراڭلىشىشمۇ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ خەلقنى قورقۇتۇپ ئالاقىزادە قىلۋەتكەنلىكىنى، ھەتتا ھېچكىم ناتونۇش كىشىلەرگە سۆزلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىنى، رايوندا ژۇرنالىستلارنىڭ ئادەتتىكدەك تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ۋەزىيەت ھەققىدە شەرقىي تۈركىستاندىن ئەھۋال ئىگىلىگەندىن باشقا يېقىندا چەتئەلگە قېچىپ پاناھلانغان كىشىلەردىن ئەھۋال ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ماتىئاس بوللىنگېر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسس قىلغان لاگېر ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، تۇتقۇنلارنىڭ كامېردا نۆۋەتلىشىپ ئۇخلاشقا مەجبۇرلىنىدىغانلىقى، ھەر بىر گۇرۇپپا نۆۋىتى كەلگەندە بىر كېچىدە پەقەت ئۈچ سائەت ئۇخلىيالايدىغانلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ بىردەك ئۆزئارا ئانا تىلىدا سۆزلىشىشىگە يول قويۇلمايدىغانلىقى، تاماق يېيشى ئۈچۈن ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىلگەنلىكى، ئەگەر تاماقنى بېرىلگەن ۋاقىت ئىچىدە يەپ بولالمىسا كالتەكلىنىدىغانلىقى، ھاجەتخانىدا ئولتۇرۇش ۋاقتىنىڭمۇ بېكىتىلگەنلىكى، ۋاقىتتىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەرگە تەن جازاسى بېرىلىدىغانلىقى قاتارلىق خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن.

ماتىئاس بوللىنگېر يەنە جازا لاگېرلىرىدىكى تۇتقۇنلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ۋە ئۇلار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان دەھشەتلىك پاجىئەلەرنى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، ئەنىسە يىلماز خانىمنىڭ «شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە ئىسلام دۇنياسى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەت قانداق پوزىتسيەدە بولدى؟ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇۋاپىق يولى نېمە؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، رايوندىكى بىر قىسم مەسچىتلەرنىڭ ئاممىۋى ھاجەتخانىغا ياكى كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلۈپ تەنقىدلەنمىگەنلىكىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر تەرەپتىن خىتايدىن كېلىۋاتقان ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە بېقىنىپ قالسا، يەنە بىر تەرەپتىن مۇستەبىت ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىر-بىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ۋەھشىيلىككە قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان تەقدىردە، نەتىجىنىڭ پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1599 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2023 17:36:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق