خىتاي رېجىمى شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش پىلانى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايون ئۇقۇمىنى كېڭەيتتى ۋە جەنۇبىي رايون تەۋەلىكىگە بىر ئوبلاست، تۆت دىۋىزىيەنى قوشتى.
خىتاي خەلق تورىنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 10-نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى»نىڭ 8-ئومۇمىي يىغىنىدا ئاتالمىش «جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە سىياسەت-تەدبىرلىرى»گە قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان. يىغىندا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسى بويىچە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايونى ئۇقۇمى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىلگەن.
مەزكۇر سىياسەتنىڭ تەتبىقلىنىش دائىرىسىدە، ئەسلىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى تۆت ۋىلايەت، ئوبلاست ئۇقۇمى كېڭەيتىلىپ، بايىنغولىن ئوبلاستى، قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ ئوبلاستىدىن ئىبارەت بەش ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە تۆت دىۋىزىيە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىي رايون ئۇقۇمىغا كىرگۈزۈلگەن.
كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ كەلگەنلىكىنى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ئوبلاستلىرىدا تۈرلۈك خىتايچە ناملار پەيدا بولۇپ، ئەسلىدىكى ناملارنىڭ تەدرىجىي ئەمەلدىن قېلىۋاتقانلىقىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىشغالىيەتنىڭ بارلىق شەكىللىرىنى ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ