خىتاي، ئىران ۋە پاكىستان تېررورلۇققا قارشى سىرلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى

خىتاي، ئىران ۋە پاكىستان 7-ئىيۇن بېيجىڭدا سىرلىق تەرىقىدە تېررورلۇققا قارشى ئۈچ تەرەپلىك بىخەتەرلىك سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىسلامئاباد ئۈچ تەرەپلىك يىغىندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئۈچ تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ رايون دۇچ كېلىۋاتقان تېررورلۇق تەھدىتىنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق باياناتتا قايسى رايون، قايسى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى تەپسىلاتنى ئاشكارىلىمىغان. پاكىستان بىلەن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەزكۇر ئۈچ تەرەپ يىغىنىنى قەرەللىك ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بەلۇچىستان ئۆلكىسى مەسىلىسى سۆھبەتنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بولۇشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ يەردە خىتاي ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى دائىرىسىدە تۆمۈر يول قورۇلۇشى قىلغان بولۇپ، نەچچە مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سالغان. پاكىستاننىڭ ئىران بىلەن چېگرالىنىدىغان بەلۇچىستاندىكى قوراللىق گۇرۇپپىلار ئىران تۇپرىقىدىكى پاناھگاھلاردىن پايدىلىنىپ، چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنى پىلانلاپ، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئىران دائىرىلىرى بالۇچ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۆز زېمىنىدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى رەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى تۈرى پاكىستان ۋە بەلۇچىستاندىن ئۆتۈپ ئەرەب دېڭىزىغا تۇتىشىدىغان گۋادار پورتىغا تۇتىشىدىغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بۇ رايونغا يول سالغاندىن باشقا، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرغان. مەزكۇر قۇرۇلۇشلار ئەتراپتىكى ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان سالغانلىقى سەۋەبلىك يەرلىك ئاھالىلەر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ داۋام قىلىشىغا نارازى ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 694 قېتىم كۆرۈلدى
09/06/2023 17:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق