ماناس ناھىيەسىدە يەر تەۋرىدى

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ماناس ناھىيەسىدە 3.2 بال يەر تەۋرىدى.

خىتاي يەر تەۋرەش ئەھۋالىدىن مەلۇمات بېرىش تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 7-ئىيۇن ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 07:11 دە سانجى ئوبلاستى ماناس ناھىيەسىدە (شىمالىي كەڭلىك 43.63 گىرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 85.99 گىرادۇس) 3.2 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش مەركىزىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 15 كىلومېتىر ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.

بۇ قېتىم يەر تەۋرەش مەركىزىنىڭ 5 كىلومېتىر دائىرىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى دېڭىز يۈزىدىن تەخمىنەن 3768 مېتىر ئىگىز ئىكەن.

خىتاي رېجىمى يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئائىلە ئولتۇراق رايونىدا يۈز بەرگەن ياكى ئادەمسىز تاغلىق رايوندا يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1074 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2023 17:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق