يەنە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدار ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلدى

خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى، قورچاق ئەمەلدار ياسىن سىدىقنىڭ ۋەزىپىدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ۋاڭ يى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 31-ماي ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنىدا، قورچاق ئەمەلدار ياسىن سىدىقنىڭ ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى قارارنى ماقۇللىغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ياسىن سىدىقنىڭ بۇ يىل 4-ئايدا «ئىنتىزام ۋە قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىق» بىلەن تۇتقۇن قىلىنىپ تەكشۈرۈلگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا ئۇنىڭ مەسىلىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاپشۇرۇپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش كومىتېتىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياسىن سىدىق 1968-يىلى 6-ئايدا قومۇلدا تۇغۇلغان بولۇپ، ئاسپىرانت مەدەنىيەت سەۋىيەسىگە ئىگە. ئۇ 1993-يىلى 7-ئايدا خىتاي كومپارتىيەسىگە ئەزا بولغان. ئىلگىرى ئاراتۈرك ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ۋە ھاكىمى، قومۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قومۇل ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» دائىمىي كومىتېتى قەشقەر ۋىلايەتلىك خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇندىن باشقا ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، شەھەر باشلىقى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» خەلق ھۆكۈمىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى بولغان.

كۆزەتكۈچىلەر تارىختىن بېرى خىتايغا جان پىدالىق بىلەن ئىشلىگەن، خىتايغا ھەمكارلىشىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى باستۇرۇش ۋە قىرغىن قىلىش قاتارلىق جىنايى قىلمىشلىرىغا شېرىك بولغان ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمىغانلىقىنى، ھەممىسى دېگۈدەك ھەرخىل باھانىلەر بىلەن جازالانغانلىقىنى، نۆۋەتتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىگە ھەمكارلىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ نۇر بەكرى، ياسىن سىدىق قاتارلىق قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبرەت ئېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1263 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2023 17:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق