ئىران رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق ھىندى ئوكياننىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن دېڭىز ئارمىيە ئىتتىپاقى تەشكىللەشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋاللار غەرب ئەللىرىدە ئەندىشە پەيدا قىلغان.
خىتاينىڭ ۋاڭ يى تورى 6-ئىيۇن ئىران ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى شەھرەم ئىرانى يېقىندا بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا ئىشتىراك قىلغان. پىروگراممىدا پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئىچىدە ئومان بىلەن ئىران ئىلگىرى كۆپ قېتىم بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەنلىكىنى، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، بەھرەين، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئىران بىلەن دېڭىز ھەربىي ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، بۇنىڭدىن باشقا ھىندىستان بىلەن پاكىستانمۇ دېڭىز ئارمىيە تەشكىللەش پىلانىغا قاتناشماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىران فارس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزاق ئۆتمەي بۇ رايون قانۇنلۇق ھوقۇق بېرىلمىگەن ئارمىيەدىن قۇتۇلۇپ ئۆزىنىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن رايون بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن. ئالاقىدار دۆلەتلەر ئىراننىڭ ئورتاق دېڭىز ئارمىيەسى ئىتتىپاقى قۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ سۆزلىرىگە ھېچقانداق ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندىن بۇيان ئىران بىلەن پارس قولتۇقىدىكى نۇرغۇن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان 2016-يىلىدىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى بۇ يىل 6-ئاپرېل ئەسلىگە كەلتۈرگەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىككى ئاي ئىلگىرى ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى بىرلەشمە دېڭىز كۈچىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى بىرلەشمە دېڭىز كۈچى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 38 دۆلەتنىڭ دېڭىز ئارمىيە پاراخوتلىرىدىن تەركىب تاپىدىكەن. بىرلەشمىگە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە 5-فىلوتنىڭ قوماندانى قوماندانلىق قىلىدىكەن. باش ئىشتابى 5-فىلوتنىڭ باش ئىشتابى تۇرۇشلۇق بەھرەيندە تەسىس قىلىنغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ