خىتاي تۆت ئايدا 41 مىليارد كىلوۋاتتىن كۆپرەك توكنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇغان

ئاتالمىش «شىنجاڭ» ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى سودا مەركىزى چەكلىك شىركىتى ئالدىنقى تۆت ئايدا شەرقىي تۈركىستاندىن بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، خىتايغا توشۇلغان توك مىقدارىنىڭ جەمئىي 41 مىليارد 341 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك مىقدارى 12 مىليارد 462 مىليون كىلوۋات بولۇپ، سىرتقا يەتكۈزۈلگەن ئومۇمىي توك مىقدارىنىڭ 30 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەن.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئالدىنقى تۆت ئايدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ توك ئېنىرگىيەسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى تېخىمۇ كۆلەملەشتۈرۈش مەقسىتىدە، يېڭىدىن مەبلەش سالىمىقىنى كۆپەيتكەن بولۇپ، تورلاشتۇرۇلغان يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 3 مىليون 750 مىڭ كىلوۋاتقا يەتكەن. 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېلېكتىر تورىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەمئىي 44 مىليون 620 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىدىكەن.

خىتاي شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندىن بېرى، تۈرلۈك تەبىئىي بايلىقلارنى ئۈزلۈكسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بېرى تالان-تاراج قىلىش ھەرىكىتىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن چىققان بايلىقلارنى خىتاينىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا ئىشلەتكەندىن باشقا، چەتئەلگە ئېكىسپورت قىلغانلىقىنى، ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان يەرلىك خەلقنىڭ ھېچقانداق مەنپەئەتكە ئېرىشەلمىگەنلىكىنى، بەلكى نامراتلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە ماس ھالدا، بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1020 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2023 16:47:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق