لاگېر شاھىتلىرى فىنلاندىيەدە خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى تونۇشتۇردى

يېقىندىن بۇيان ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېر ئىچىدىكى دەپسەندىچىلىكلەرنى ئاشكارىلاش ھەققىدە پائالىيەتلەر كۆپەيمەكتە.

لاگېر شاھىتلىرىدىن فىرانسىيەدىكى گۈلباھار خاتىۋاجى بىلەن گوللاندىيەدىكى قەلبىنۇر سىدىق خانىم 6-ئىيۇندىن باشلاپ فىنلاندىيەدە بىر قاتار پائالىيەتلەردە بولغان بولۇپ، فىنلاندىيە پارلامېنتىدىكى ھەرقايسى پارتىيەلەر، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ۋە ھەرقايسى تاراتقۇ خادىملىرى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاتالمىش تەربىيلەش مەركەزلىرى دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىدىكى ھەقىقىي ئەھۋالنى ۋە ئۆزلىرى باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنشلىق ھادىسىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇ جىنايەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

زىيارەتتە گۈلباھار خاتىۋاجى ۋە قەلبىنۇر سىدىق خانىم يەنە فىنلاندىيەنىڭ ئەڭ چوڭ قاناللىرىدىن MTV قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا جازا لاگېرىدا باشتىن كەچۈرگەن ئېچىنشلىق ھادىسىلەرنى ۋە ئۇ يەردىكى ئايال تۇتقۇنلارغا ئىجرا قىلىنىدىغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان دەپسەندىچىلكلەر، خورلاش ۋە قىيىن-قىستاقلار ھەققىدە تەپسىلىي گۇۋاھلىق بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 993 قېتىم كۆرۈلدى
08/06/2023 16:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق