ئامېرىكا ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ھەربىي تۈرلىرىنى قوللايدىغان خەلقئارالىق سېتىۋېلىش تورىنى جازالىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە بەش خىتاي ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بار ئىكەن.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 6-ئىيۇن ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى بىلەن مۇناسىۋىتى بار ئىران، خىتاي ۋە خوڭكوڭنى بازا قىلغان يەتتە شەخس ۋە ئالتە ئورۇننى جازالىغان. بۇ يەتتە كىشىنىڭ بەشى خىتاي، ئىككىسى ئىرانلىق بولۇپ، ئۇلار ئىراننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئەمەلدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تاشقى مۈلۈكنى كونترول قىلىش ئىشخانىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا: «جازالاش تەستىقلانغان شىركەت ۋە شەخىسلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ پۇل-مۇئامىلە سودىسى قىلىدىغانلىقىنى، ئىراننىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم رولچىلارنى سەزگۈر ۋە ھالقىلىق زاپچاس ۋە تېخنىكا سېتىۋېلىشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، بۇ سودىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە قوراللىق قىسىم ئەشيا ئوبوروتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق تەشكىلاتلاردىن پارچىن خىمىيە سانائىتى (PCI)، ئاۋىئاتسىيە سانائىتى تەشكىلاتى (AIO)، ئىران ئېلېكترون سانائىتى (IEI) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.
ئۇندىن باشقا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىراننىڭ بېيجىڭدىكى ھەربىي ئەمەلدارى داۋۇد دامغانىمۇ جازالاش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە قوراللىق قىسىم ئەشيا ئوبوروتى شىركىتىنىڭ خىتايدىن مال سېتىۋېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ماسلاشتۇرغانلىقى سەۋەبلىك جازالانغان.
ئامېرىكا سودا مىنسىتىرلىقىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، جازا ئىجرا قىلىنغان كىشىلەرنىڭ مال-مۈلكى توڭلىتىلىدىكەن ۋە مۇناسىۋەتلىك بارلىق سودا ھەرىكىتى چەكلىنىدىكەن. جۈملىدىن ئامېرىكا ئارقىلىق ئوبوروت قىلىۋاتقان سودىسى مەنئى قىلىنىدىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ