خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىدىن بىر ھەيئەت 5-ئىيۇن ئىستانبۇلدا مالايشىيا ئىسلام پەنلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ رەئىسى دوكتور سەييىد ئەھمەد ئازمان سەييىد ئەھمەد نەۋەۋىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.
خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت بىلەن مالايشىيادىن كەلگەن ھەيئەت خەلقئارالىق ئىسلام تەتقىقات ئورنى (IAIS) خەلقئارا ئىسلام پەنلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ رەئىسى دوكتور سەييىد ئازمان سەييىد ئەھمەد نەۋەۋى ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى دوكتور ئەھمەد بەدرى بىن ئابدۇللا قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى.
كۆرۈشۈشتە ئالدى بىلەن مېھمانلارغا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى تۇرۇش، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش قاتارلىق تېررور سىياسىتى تونۇشتۇرۇلدى. ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى مەسىلىسى ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەردە ھەمكارلىشىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ