ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادىي بۇزغۇنچىلىققا قارشى جازالاش تەدبىرىنى ماقۇللىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىغا قارشى جازالاش تەدبىرىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ تەدبىرنىڭ خىتايغا قارىتىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر يىلدىن كۆپرەك سۆھبەتتىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى 6-ئىيۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنى ئۈچىنچى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش قىلمىشىدىن قوغداش تەدبىرىنى ماقۇللىغان. بۇ جازالاش تەدبىرى باشقا دۆلەتلەرنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە ئىقتىسادىي تەھدىت ئىشلىتىپ بېسىم ئىشلىتىش ھەرىكىتىدىن توسۇشنى مەقسەت قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ياۋروپا كېڭىشى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى تەرىپىدىن رەسمىي تەستىقلانغان بولۇپ، بۇ يىل كۈزدە كۈچكە ئىگە بولىدىكەن. بۇ تەدبىرنىڭ ئاساسى مەقسىتى ئىقتىسادىي مەجبۇرلاش ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۈچىنچى دۆلەتكە قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مال ئىمپورت قىلىشنى توڭلىتىش ئارقىلىق ئۆچ ئېلىش، بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بازىرىدا سېتىلىشىنى چەكلەش، شۇنداقلا مەبلەغ سېلىشنى چەكلەش ئىكەن. ئەمما بۇ تەدبىر ماسلاشتۇرۇش ۋە تەڭشەش ئىشقا ئاشمىغاندىن كېيىن ئاندىن ئىجرا قىلىنىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي مەجبۇرلاشقا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، لىتۋانىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا تالاش-تارتىش مەسىلىسىگە تەتبىقلىنىدىكەن. لىتۋانىيە 2022-يىلى 7-ئايدا تەيۋەننىڭ لىتۋانىيە پايتەختى ۋىلنيۇستا ۋەكىللىك ئىشخانىسى ئېچىشىغا يول قويغاندا، خىتاي بۇنى باھانە قىلىپ لىتۋانىيەنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەنىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ ھەقتە خىتاي ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ دېلو سوتلىنىش ئالدىدا ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 908 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2023 16:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق