ئەنگلىيە خىتاي رېجىمىدىن ئەنگلىيە زېمىنىدىكى قانۇنسىز «چەت ئەل ساقچى پونكىتلىرى»نى تاقاشنى تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەنگلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ۋەزىرى توم تۇگېندات 6-ئىيۇن پارلامېنتقا: «ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى خىتاينى ئەنگلىيە زېمىنىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان قانۇنسىز «چەتئەل ساقچى پونكىتلىرى» نى تاقاشقا بۇيرىدى» دېگەن.
بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى خىتاي ئەلچىخانىسىغا بۇ خىل «ساقچى مۇلازىمەت پونكىتلىرى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئورۇننىڭ ئەنگلىيەدە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى، بۇ خىل ئورگانلارنىڭ ھەر قانداق شەكىلدە مەشغۇلات قىلماسلىقى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
باياناتتا يەنە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىگە «بۇ خىل خىزمەت پونكىتلىرىنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك تاقالدى» دەپ جاۋاب قايتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دۆلەت بىخەتەرلىك ۋەزىرى توم تۇگېنداتنىڭ ئېيتىشىچە، ئەنگلىيە ساقچىلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى «قوغدىغۇچى» نىڭ ئەنگلىيەدە خىتاي تەسس قىلغان ئاتالمىش «چەت ئەل ساقچى پونكىتى» بارلىقىنى دوكلات قىلغاندىن كېيىنلا تەكشۈرۈشنى باشلىغان بولۇپ، ئەنگلىيە ساقچىلىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى كۆرسەتكەن ھەر بىر ئورۇننى تەكشۈرگەن بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر بۇ جايلارنىڭ ھەممىسىدە خىتاي دائىرىلىرىغا ۋاكالىتەن قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنىڭ بولغانلىقى ھەققىدە ئىسپات تېپىلمىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ