خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلاش قىلمىشىنى سۈرۈشتە قىلىش تەكلىپى سۇنۇلدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى خىتاي رېجىمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان قانۇن لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 31-ماي ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو ۋە جېف مېركلېي «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە جازالاش قانۇن لايىھەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئىلگىرى ماقۇللانغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» ۋە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمىنىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى تۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق ئورۇنلارغا قارىتىلغان جازا ۋە ۋىزا چەكلىمىسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە چېتىشلىق ئەمەلدارلارغا ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش قاتارلىق مۇھىم ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇ قانۇن لايىھەسىدە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا ھالقىلىق ياردەم بېرىش ۋە خىتايدىن قېچىپ چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە تىل مىراسلىرىنى قوغداش تەلەپ قىلىنغان.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو خىتاي رېجىمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدە مەسئۇلىيىتى بار شىركەتلەرگە قارىتىلغان جازانى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 989 قېتىم كۆرۈلدى
07/06/2023 16:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق