خىتاي 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تيەنئەنمېن مەيدانىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، جىددىي ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، خوڭكوڭ ساقچىلىرى نۇرغۇن خەلقنى قولغا ئالغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 5-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خوڭكوڭ دائىرىلىرىنىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى باستۇرۇش ۋەقەسىنىڭ 34 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدىكى تۇتقۇن قىلىش قىلمىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى تۋىتتېر ھېساباتىدا خوڭكوڭ دائىرىلىرىنى پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تىنچ يىغىلىش سەۋەبىدىن قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان. ئەمما خىتاي رېجىمى خوڭكوڭنىڭ ئىلگىرىكى قالايمىقانچىلىق ۋەزىيەت ئەھۋالىدىن گۈللىنىشكە قاراپ يۈزلەنگەنلىكىنى دەۋا قىلغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، 4-ئىيۇن 1989-يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن قانلىق باستۇرۇلۇش ۋەقەسىنىڭ 34 يىللىقى بولۇپ، خىتاي رېجىمى تيەنئەنمېن مەيدانى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنى قامال قىلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. قامال قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ 4-ئىيۇن باستۇرۇش ۋەقەسىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان. ئىلگىرى 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى ئاشكارا خاتىرىلەشكە رۇخسەت قىلىنىدىغان خوڭكوڭدىمۇ ساقچىلار ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، بارلىق كوچىلارنى قاتتىق كونترول قىلغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ