ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دانىيېل كىرىتېنبرىنك ۋە ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ خىتاي ئىشلىرى ئالىي ئەمەلدارى سارا بېران 5-ئىيۇن خىتاي مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ما جاۋشۈ بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەن بولۇپ، يىرىكلەشكەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تېزلىتىش، تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە سۆھبەتلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. (ئامېرىكا ئاۋازى)