خىتاي رېجىمى ئاتالمىش «ئىسلام جەمئىيىتى» قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەۋاتقان بىر مەزگىلدە، مۇسۇلمانلارنى «ئىسلام دىنىنى خىتايلاشتۇرۇش» تېررور سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىماقتا.
زېمىستان تورىنىڭ 5-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي خۇددى چېركاۋلارنى كوممۇنىزمنى تەشۋىق قىلىدىغان ئورۇنغا ئايلاندۇرغاندەك، خىتايدىكى ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىمۇ مەسچىتلەردە ئوخشاش رول ئويناشقا مەجبۇرلىغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئىش قىلمىغان مەسچىتلەر قاتتىق بېسىم ھەمدە خىرىسقا دۇچ كەلمەكتىكەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىكى ئىسلام جەمئىيىتىنى كونترول قىلىدىغان بىرلىكسەپ ئورگىنىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تەدرىجىي ھالدا ئىسلام دىنى جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمانلارنى خىتاي كومپارتىيەسىگە بويسۇندۇرۇش، ماركسىزم ۋە شى جىنپىڭ ئىدىيەسىنى ئۆگىتىش ئارقىلىق خىتايلىشىشقا يېتەكلەش ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتى كۈنسېرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان.
ئاتالمىش «ئىسلام جەمئىيىتى» 1953-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، 2023-يىلى قۇرۇلغىنىغا 70 يىل بولغان مەزكۇر جەمئىيەت تەدرىجىي ھالدا ئىسلامنى چەكلەش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى يوقىتىپ خىتايلاشتۇرۇشقا تىرىشىپ كەلگەن ۋە نۆۋەتتە بۇ خىل رەزىل مەقسىتىنى تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي ئىدارىسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، خىتاي سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنيىڭ ۋە خىتاي كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي ئىدارىسىنىڭ ئەزاسى، تەيفېڭ بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ مىنىستىرى قاتارلىق ئەمەلدارلار 19-ماي خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن بېيجىڭدا سۆھبەت يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا خىتاي ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ يەتمەكچى بولغان رەزىل مەقسىتىنى ئىزاھلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ