خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن بىر ئۆمەكنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بىر نەچچە كۈن زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 18-نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار يىغىنىغا قاتناشقان بولۇپ، خىتاي رېجىمى يىغىنغا قاتناشقان ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى كاتىبات باشقارمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ھەمدە ئىستراتېگىيەلىك سىياسىي دىيالوگ جەمئىيىتىدىن تەشكىللىگەن 34 ئەمەلدارنى شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلدۇرغان. زىيارەت 30-مايدىن 2-ئىيۇنغىچە داۋام قىلغان بولۇپ، خىتاي رېجىمى بۇ زىيارەت ئارقىلىق بۇرۇنقىدەكلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئەرەب-ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆزىنى بوياشقا ئۇرۇنغان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، زىيارەت ئۆمىكىدە مىسىر، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئالجىرىيە ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق 16 ئەرەب دۆلىتىدىن كەلگەن ئەمەلدار بار بولۇپ، باياناتچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي مەزكۇر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۈرۈمچى، قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى مەسچىت، ئاتالمىش «دىنىي مەكتەپلەر»، يەرلىك كارخانىلار، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان. ئۇندىن باشقا يەنە خىتاي دائىملىق كۆز بويامچىلىقى بىلەن ئالدىن مەخسۇس تەييارلانغان ئاتالمىش «تېررورلۇققا ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇش» كۆرگەزمە ئورۇنلىرى ۋە مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلدۇرغان.
ۋاڭ ۋېنبىن سۆزىدە: «ئەرەب دۆلەتلىرى شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ئەزەلدىن ئادىل مەيدانىنى ساقلاپ كەلدى. خىتاي دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دوستلارنىڭ شىنجاڭنى زىيارەت قىلىشىنى ۋە كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىدۇ» دەپ بىلجىرلىغان.
خىتاي رېجىمى زىيارەت ئۆمىكىنى يەنە ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرىدىكى دۇكانلارنى، پولات زاۋۇتىنى زىيارەت قىلدۇرغاندىن باشقا، ئاتالمىش «ئىسلام ئىنستىتۇتى» قاتارلىق ئورۇنلارنى زىيارەت قىلدۇرغان. زىيارەت داۋامىدا كۆز بويامچىلىق قىلىش مەقسىتىدە، ئالدىن تەييارلانغان كۇتۇپخانا، ئوقۇتۇش بىناسى، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلارنى كۆرسەتكەن.
شۇنداقلا خىتايغا سادىقلىقى بىلەن نام چىقارغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتى» مۇدىرى ۋە «خىتاي ئىسلام دىنىي جەمئىيىتى» نىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرەقىپ تۆمۈر نىياز نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بەرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ