4-ئىيۇن 20-نۆۋەتلىك شاڭگىرىلا سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ خەلقئارا جەمئىيەتكە تەھدىت سېلىپ: «ئەگەر خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش ۋە تىركىشىش بولۇپ قالسا، بۇ دۇنيا ئۈچۈن چىدىغۇسىز ئاپەت بولىدۇ. ئەمما خىتاي قارشىلىشىشنى ئەمەس، دىيالوگنى خالايدۇ» دېدى.
خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لى شاڭفۇ مۇخبىرلارنىڭ ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «نېمە ئۈچۈن بايا كۆپچىلىك ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ۋە دېڭىز تەۋەلىكى ئەتراپىدا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ھاۋا تەۋەلىكى ۋە دېڭىز تەۋەلىكى ئەتراپىدا يۈز بېرىدۇ؟» دەپ سوئال قويغان ۋە نۆۋەتتە خىتاي زېمىن دەۋاسى قىلىۋاتقان بارلىق رايونلارنىڭ خىتاينىڭ تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
لى شاڭفۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تەھدىت تەرزىدە: «ئەڭ ياخشى چارە شۇكى، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي پاراخوت، ئايروپىلانلىرىنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ