خىتاي ئامېرىكا-كانادا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي ۋاڭ يى تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى شى يى ئامېرىكا بىلەن كانادا ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
نارازىلىق باياناتىدا 3-ئىيۇن ئامېرىكىنىڭ «چۇڭ ھۇن» ناملىق قوغلىغۇچى پاراخوتى ۋە كانادانىڭ «مونچېرىل» ناملىق قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋالنى ئامېرىكا بىلەن كانادا تەرەپنىڭ ئاشكارا كۆپتۈرگەنلىكىنى، ئەسلىدە خىتاي ئارمىيەسى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز، ھاۋا ئارمىيە ئەسكىرىي كۈچىنى تەشكىللەپ، پۈتۈن جەرياننى نازارەت قىلغانلىقىنى، ئالاقىدار دۆلەتلەر تەيۋەن بوغۇزى رايونىدا قەستەن ۋەقە، قەستەن خەۋپ-خەتەر پەيدا قىلىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا يامان نىيەتتە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ ئارقىلىق تەيۋەن مۇستەقىللىق بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە خاتا سىگنال بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە تەھدىت سېلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي ئۇرۇش رايونىدىكى قىسىملارنىڭ ھەر ۋاقىت يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ھەر خىل تەھدىت، ئىغۋاگەرچىلىككە قەتئىي تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بىلجىرلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ