ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس ئالدىنقى ئايدا خىتايدا مەخپىي زىيارەتتە بولغان.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىليام بۇرنس ئالدىنقى ئايدا خىتاينى مەخپىي زىيارەت قىلىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ناچارلاشقان پەيىتتە بايدىن تەرىپىدىن ئەۋەتىلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىخبارات ئەمەلدارىنىڭ زىيارىتى دىققەت قوزغىدى.
بۇ خەۋەرنى تۇنجى بولۇپ ئەنگلىيە پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى بۇ ئىشتىن خەۋەردار بەش كىشىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئاشكارىلىغان بولۇپ، ۋىليام بۇرنسنىڭ دائىم سەزگۈر ۋەزىپىلەرنى ئۆتەش ئۈچۈن چەتئەلگە چىقىشقا بۇيرۇلىدىغانلىقى، ئالدىنقى ئايدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن يۈزتۇرانە سۆھبەتلىشىش ئۈچۈن خىتايغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، ۋىليام بۇرنس 2021-يىلى 3-ئايدا ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئامېرىكا تارىخىدىكى مەركىزىي ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان تۇنجى كەسپىي دىپلومات ئىكەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ