كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: خىتاي 4-ئىيۇن قىرغىنچىلىقنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينى 4-ئىيۇن قىرغىنچىلىق ۋەقەسىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 2-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 1989-يىلى  6-ئاينىڭ 4-كۈنى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن قىرغىنچىلىق ۋەقەسىنىڭ 34 يىللىقى يېقىنلاپ قالغان بىر پەيتتە، باش ئىشتابى ئامېرىكىنىڭ نيۇيوركقا جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 1-ئىيۇن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنى بۇ پاجىئەدىكى تارىخى مەسئۇلىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا ۋە 4-ئىيۇن ۋەقەسىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە تۆلەم تۆلەشكە چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 34 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن 4-ئىيۇن تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى خىتاي كوممۇنىست رېجىمى يۈز مىڭلىغان ئەسكەرلىرىنى سەپەرۋەر قىلىش ئارقىلىق بېيجىڭنى قورشاپ، تانكا ۋە رەسمىي ئوق ئىشلىتىپ چىرىكلىككە ۋە مۇستەبىتلىككە قارشى تىنچلىق يىغىلىشىغا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار، پۇقرالار ۋە ھەر ساھە كىشىلىرىنى قوراللىق باستۇرغان. باستۇرۇشتا مىڭلىغان كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان. 4-ئىيۇندىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتى ئالدى بىلەن بېيجىڭدىكى ھەرقايسى مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا باشلانغان. ئارقىدىن بېيجىڭدىكى ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ ئاكتىپ قوللىشى ۋە ئىشتىراك قىلىشى بىلەن زورايغان. شۇنداق قىلىپ مىليونلىغان كىشى قاتناشقان چوڭ كۆلەملىك نامايىش باشلانغان. خىتاي كومپارتىيەسى بۇ قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ئاممىۋى نارازىلىق نامايىشىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، دېڭ شياۋپىڭ، ۋاڭ جېن ۋە بو يىبو باشچىلىقىدىكى مۇتەئەسسىپ ئەمەلدارلار ھەمدە كونا ئەسكەرلەر دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى «ئەكسىلئىنقىلابى  مالىمانچىلىق» دەپ ئاتاپ قورال كۈچى بىلەن باستۇرغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ۋاڭ ياچىيۇ: «30 نەچچە يىلدىن بۇيان، خىتاي (4-ئىيۇن قىرغىنچىلىق مەسئۇلىيىتى) دىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلدى، ھەتتا مىليونلىغان ئادەمنى ئوچۇق-ئاشكارا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇپ، قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە نازارەت قىلىش تەدبىرىنى يولغا قويدى» دېگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1094 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2023 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق