تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا تۇنجى تۈركۈمدىكى كېلىشىمنى ئىمزالىدى

تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا تۇنجى تۈركۈمدىكى سودا كېلىشىملىرىنى ئىمزالىغان بولۇپ، سەي يىڭۋېن تەيۋەن-ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ قويۇقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، «تەيۋەن-ئامېرىكا 21-ئەسىر سودا تەشەببۇسى» كېلىشىمى 1979-يىلىدىن بۇيان تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئەڭ مۇكەممەل سودا كېلىشىمى بولۇپ، بۇ كېلىشىم ئارقىلىق تەيۋەن-ئامېرىكا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ بوشلۇق يارىتىلىپلا قالماي، بەلكى سودا تەرەققىياتى، شۇنداقلا تەيۋەن ۋە ئاساسلىق سودا شېرىكلىرى ئۈچۈن يېڭى مۇھىت بەرپا قىلىشتا ھەل قىلغۇچ قەدەم تاشلىنىدىكەن.

تەيۋەن مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى كېلىشىملەر تاموژنا باشقۇرۇش، ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا سودىدا قولايلىق يارىتىش قاتارلىق بەش ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. پات يېقىندا يەنە باشقا تۈرلۈك ساھەلەر بويىچە كېلىشىم تۈزۈلىدىكەن.

تەيۋەن پىرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن مەزكۇر كېلىشىمدىن كېيىن، يەنە ئەمگەك، مۇھىت، دېھقانچىلىق، رەقەملىك سودا، ئۆلچەملەر، دۆلەت كارخانىلىرى ۋە بازار ئىگىلىكىسىز سىياسەت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت قاتارلىق يەتتە مەسىلىدە داۋاملىق سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىن، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىم تېخىمۇ مۇقىم ئاساسقا ئىگە بولىدىكەن. ئىككى تەرەپنىڭ كەلگۈسىدە بۇ رامكا ئاساسىدا تەيۋەن-ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە سودا مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن.

تەيۋەن ئىقتىساد ۋە سودا ئىشخانىسى بۇ كېلىشىمنىڭ تەيۋەن-ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە سودىسىغا پۇختا قانۇنىي ئاساس سالغانلىقىنى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كەڭ ئەركىن سودا كېلىشىم يۈزلىنىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىنى ھەمدە تەيۋەننىڭ بۇ ساھەگە ئومۇميۈزلۈك ئىشتىراك قىلىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 785 قېتىم كۆرۈلدى
03/06/2023 16:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق