فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغان تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللىدى.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 1-ئىيۇن كېڭەش پالاتاسىدا 144 ئاۋازنىڭ قوللىشى بىلەن ماقۇللانغان مەزكۇر قانۇن تەكلىپىگە ئىمزا قويغۇچىلار بۇ قەدەمنىڭ بەك كېچىكىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەن بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەھسۇلاتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
فىرانسىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇھىت ئاسراش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى گۇيلاۋ گونتارد: «بىز فىرانسىيە ۋە ياۋروپانىڭ ئامېرىكىنىڭكىگە يېقىنراق پوزىتسىيەدە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
چەكلەش كۈچىگە ئىگە بولمىغان مەزكۇر قارار خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق زوراۋانلىق سىياسىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى باھالاشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.
بۇ تەكلىپكە ئاساسەن، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ يېڭى «سودا قورالى» ياساپ چىقىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەش نىشانلانماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر