خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى تەيۋەنگە كۈچ ئىشلىتىشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى لى شاڭفۇ تەيۋەن بىلەن بىرلىشىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لى شاڭفۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىخەتەرلىك مۇنبىرى بولغان شاڭرىلا دىيالوگ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سىنگاپورغا كەلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن تىنچ بىرلىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا كۈچ ئىشلىتىشنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ سۆزىدە يەنە نۆۋەتتە تەيۋەندە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسى (DPP) دائىرىلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەردىن ياردەم ئېلىشىنىڭ قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تەن كېفېينىڭ يىغىندىن كېيىن سىنگاپوردىكى مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىغا ئاساسلانغاندا، لى شاڭفۇ خىتاينىڭ تەيۋەن بىلەن تىنچ بىرلىككە كېلىشنى قوللايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ كۈچ ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. باياناتچى تەن كېفېي: «بىز تىنچ ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. ئەمما نۆۋەتتىكى تەيۋەن دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن تاشقى قوللاشنى ئىزدىشىگە ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ تەيۋەننى خىتاينى قورشاش ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە ھەرگىز يول قويمايمىز، شۇنداقلا بۇنىڭ ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ۋەدە بەرمەيمىز» دېگەن.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرى بىخەتەرلىك مۇنبىرىدە قىلغان سۆزىدە يەنە، سىنگاپور ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەرنى تەيۋەننى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىر سەپتە تۇرماسلىقى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

تەييارلىغۇچى: ئى. ئۆتكۈر

بۇ خەۋەر 842 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2023 16:29:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق