تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ زىيارىتى داۋام قىلماقتا

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ زىيارىتى داۋام قىلماقتا
شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ يېتەكچىلىكىدىكى بىر ھەيئەت 23-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن يېڭىدىن قۇرۇلغان سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەقفى قەھرىمانماراش شۆبىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 2020-2019-يىللىق ئوقۇش باشلاش مۇناسىۋىتى بىلەن قەھرىمانماراشتا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش داۋامىدا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى. شۇنداقلا ھازىرغا قەدەر ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئەلاچى بولغان ھەمدە ئوقۇشتا ئالدىدا ماڭغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بېرىش ئۈچۈن خاتىرە بۇيۇم ۋە تەقدىرنامە تارقىتىپ بەردى.

بۇ خەۋەر 1159 قېتىم كۆرۈلدى
24/09/2019 15:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق