خىتاينىڭ مەركىزىي 15-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى 31-ماي سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئىجرا قىلىۋاتقان ئاتالمىش «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش»قا تۈرتكە بولۇش خىزمىتىنى ئاساسى قاتلامغىچە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىدى.
مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوشېڭ سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش-قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك، كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، خىتاي پۇقراسى بولۇش ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، خىتايلاشقان قەلب، خىتايلاشقان روھنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
ۋاڭ گوشېڭ سۆزىدە يەنە ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامغىچە ئىشلەش، دەل جايىدا ئىشلەش كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ