ئامېرىكا خىتاي تېلېگراف ماگناتى خۇاۋېيغا ئامېرىكا تېخنىكىسىنى سېتىشنى پۈتۈنلەي چەكلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 2-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى خۇاۋېيغا ئامېرىكا تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلماقچى بولغان ھەر قانداق ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئىجازەتنامە بېرىشكە بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ئامېرىكا بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي شىركىتى خۇاۋېي خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ئىشلىرىغا ياردەم قىلىپ، خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن. ئەمما خۇاۋېي بولسا جاسۇسلۇق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلىقىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.
2019-يىلى تىرامپ ھۆكۈمىتى خۇاۋېينى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغان شىركەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا تېخنىكا ئېكسپورتىغا قاتتىق چەكلىمە قويغان بولسىمۇ، ئەمما سودا تارماقلىرى ئىنتېل قاتارلىق بىر قىسىم شىركەتلەرگە يۇقىرى سۈرئەتلىك G5 تېلېگراف تورى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان تېخنىك ئۈسكۈنە شىركەتلىرىگە داۋاملىق ئېكسپورت ئىجازەتنامىسى تارقىتىپ بەرگەن.
«پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» ئالدىنقى يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ YMTC نى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، خىتاي شىركەتلىرىنى ئىلغار ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكا تېخنىكىسى بار ئۆزەك بىلەن تەمىنلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئېكسپورت كونترول قىلىش قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ