گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي خاككېرلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

گوللاندىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋوپكې خوكسترا گوللاندىيەنىڭ خىتاي خاككېرلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋوپكې خوكسترا 30-ماي خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىلەن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خىتاي خاككېرلىرى مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىنى بىلدۈرۈپ: «بىز خىتاينىڭ تاشقى ئارىلىشىش ھەرىكىتىگە ئەمەس، بەلكى خىتايدىن كەلگەن تور ھۇجۇمىغا بەكرەك كۆڭۈل بۆلىمىز» دېدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، خوكسترانىڭ مەزكۇر سۆزلىرى خىتاي تور ھۇجۇمى قىلىشتىن بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى ئېيتىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە گوللاندىيە يېڭى ئۆزەك تېخنىكىسىنىڭ خىتايغا سېتىلىشىنى توختىتىدىغان يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىسىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئادەتتە بۇ خىتاينىڭ گوللاندىيەدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ بىرى دەپ قارالغان.

گوللاندىيە ئاخبارات ئورگىنى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، بەزى دۆلەتلەرنىڭ گوللاندىيەگە تور ھۇجۇمى قىلىپ، چوڭ تەھدىت پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خىتاي تور ھۇجۇمى قوزغىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدە بار ئىكەن.

خوكسترا سۆزىدە يەنە: «خۇددى خىتاي ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىغانغا ئوخشاش، بىزنىڭمۇ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىز بار» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گوللاندىيەدىكى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ئۈسكۈنە ئىشلەپچىقارغۇچى ASML شىركىتى نىشان ئاستىدا بولۇپ، گوللاندىيە ئىستىخبارات ئورگىنى شىركەتنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە تېخنىكىلىق ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاشنى مەقسەت قىلغان خىتايدىن كەلگەن تور ھۇجۇمىنىڭ كۆپ خىل ھالەتلىرىنى بايقىغان.

گوللاندىيە تاراتقۇلىرى 2-ئايدا خىتايدا ئىشلىگەن بىر خىزمەتچىنىڭ ئوپتىكىلىق ئويما ماشىنىسىدىن سانلىق مەلۇمات ئوغرىلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 655 قېتىم كۆرۈلدى
02/06/2023 16:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق