خىتاينىڭ ئىتالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى داۋاملىشىۋاتقان خەلقئارالىق سەنئەت ۋە مەدەنىيەت كۆرگەزمە مۇسابىقىسىدىن چېكىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 1-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، 22-ماي 18-نۆۋەتلىك ۋېنىتسىيە بىناكارلىق كۆرگەزمىسى رەسمىي ئېچىلىش پەيتىدە خىتاي ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرى كۆرۈنۈشىنىڭ لايىھەگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك ئۆزلىرىنىڭ مۇسابىقىدىن چېكىنىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋېنىتسىيە ئاخبارات ئىدارىسى ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ مۇسابىقىدىن چېكىنىش توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرمىگەن.
ۋېنىتسىيە كۆرگەزمىسى ھەر ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق سەنئەت فېستىۋالى بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئوخشىمىغان سەنئەت ۋە مەدەنىيەتلەرنى نامايان قىلىدىغان سەھنە سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىكەن. ۋېنىتسىيە قوش يىللىق كۆرگەزمىسىنىڭ خەلقئارا بىناكارلىق كۆرگەزمىسى سانسىز يىللارغا بېغىشلانغان بولۇپ، مەركىزى كۆرگەزمە شۇنداقلا دۆلەت سارىيى كۆرگەزمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
خىتاي ئەلچىخانىسى نارازىلىق بىلدۈرگەن كۆرگەزمىگە «بىناكارلارنى ئۆلتۈرۈش-شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېر تورىنى تەكشۈرۈش» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان 30 مىنۇتلۇق كۆرۈنۈش لايىھەسى قويۇلغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىنىڭ شارائىتى ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە لاگېر ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلغان.
كۆرگەزمىنىڭ بىناكارلىق ئۇستىسى ئالىسون كىلىڭ: «بۇ قىسقا كۆرۈنۈشتە، بىناكارلىق ئۇستىلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە سانلىق مەلۇمات تەتقىقاتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى خورلاش قىلمىشىغا دائىر قىممەتلىك مۇھىم چۈشەنچىلەر بېرىلدى» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ