ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى قانۇن لايىھەسىدە، ئىستىخبارات ئورۇنلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر، دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈش ۋە توپلاش تەلەپ قىلىنغان.
ritchie torres district نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، غەرب دۆلەتلىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايى قىلمىشلىرىنى ھازىرغا قەدەر، ئاممىۋى ئۇچۇر مەنبەلىرىگە، بولۇپمۇ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى، خىتاينىڭ ئۇچۇر مەنبەسى، گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقى، سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرى ۋە نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ دوكلاتىغا ئاساسەن ئاشكارىلىغان. نۆۋەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان قانۇن لايىھەسىدە، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاينىڭ رايوندىكى جىنايى قىلمىشلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر ئەزاسى يېقىندا بىر قانۇن لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، لايىھەدە ئوچۇق مەنبەلەرنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتىنى ئاشكارىلاشقا يەتمەيدىغانلىقى، ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئورگانلىرىنىڭمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاخبارات قانۇنى» ناملىق بۇ قانۇن لايىھەسىنى دېموكراتچىلار پارتىيەسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى، ئاۋام پالاتاسى خىتاي ئىشلىرى ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىنىڭ ئەزاسى رىچې توررېس ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، رىچى توررېس 25-ماي: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىن قىلىش، ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايى قىلمىشى سەل قاراشقا بولمايدىغان، ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى تولۇق مۇزاكىرە قىلىش كېرەك. ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسى ھەر يىلى بۇ ھەقتە دوكلات بېرىدۇ» دېگەن.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ