ھىندىستان بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ مۇخبىرلىرىنى قوغلاپ چىقارغان.
«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، يېڭى دېھلى بۇ ئايدا ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي مۇخبىرىنىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاشنى رەت قىلغان. ۋىزا يېڭىلاش رەت قىلىنغان مۇخبىرنىڭ بىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى، يەنە بىرى خىتاي مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرى ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھىندىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ھىندىستان مۇخبىرلىرىمۇ قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئالدىنقى ئاينىڭ بېشىدا ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەرنىڭ بىرى بولغان «ھىندى دىنى گېزىتى» ۋە ھىندىستان رادىيو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى خىتاينىڭ سىرتىغا ساياھەتكە چىقىپ خىتايغا قايتقاندىن كېيىن خىتايغا قايتىپ كېلىشى چەكلەنگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. ھەمدە «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى بۇ ئايدا ئاخبارات كىنىشكىسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىقى باياناتچىسى ماۋ نىڭ 31-مايدىكى قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇناسىۋەتلىك سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: «ئۇزۇندىن بۇيان، خىتاي مۇخبىرلىرى ھىندىستاندا ئادالەتسىز مۇئامىلە ۋە كەمسىتىشكە ئۇچرىدى» دېگەن. ئۇ يەنە 2017-يىلىنى تىلغا ئېلىپ، ھىندىستان تەرەپ سەۋەبسىز ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ ۋىزا مۇددىتىنى 3 ئاي ھەتتا 1 ئايغا قىسقارتقانلىقىنى، 2020-يىلدىن باشلاپ، ھىندىستان تەرەپ خىتاي مۇخبىرلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرۇش ئىلتىماسىنى تەستىقلاشنى رەت قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
ماۋ نىڭ يەنە: «ھىندىستان تەرەپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئورۇنسىز بېسىم قىلىشىغا دۇچ كەلگەندە، خىتايمۇ مۇۋاپىق تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغداشتىن باشقا ئامال يوق» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستان خىتاينى 1990-يىلدىن باشلاپ ئىمزالانغان كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ، تالاش-تارتىشتىكى چېگرانىڭ ھىندىستان تەرىپىگە تاجاۋۇز قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن. خىتاي بۇ ئەيىبلەشنى رەت قىلىپ، يېڭى دېھلىنى چېگرادىن ھالقىپ كەتتى، دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە.
2020-يىلى يۈز بەرگەن ھىندىستان بىلەن خىتاي ئارمىيەسى ئارىسىدىكى توقۇنۇشتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتەلمىگەن. گەرچە 18 قېتىم ھەربىي قوماندان دەرىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بىراق جىددىي ۋەزىيەت يەنىلا داۋام قىلماقتا.
تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ