خىتاي دائىرىلىرى دىن ئىشلىرى نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلدى

 29-ماي چۈشتىن بۇرۇن ئاتالمىش «ئاپتونوم» رايون دائىرىلىرى 14-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، يىغىندا ئاتالمىش «ئاپتونوم» رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامنامىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنى مۇزاكىرە قىلغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 30-ماي خەۋەر قىلىشىچە، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 2-يىغىنىنىڭ قارالمىلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللانغان.

خەۋەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، يىغىندا ئاتالمىش «ئاپتونوم» رايوننىڭ ئاممىۋى كۇتۇپخانا نىزامى لايىھەسىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسىغا قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلگەندىن باشقا، ئاتالمىش «ئاپتونوم» رايوننىڭ كۆچمە ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە ئۇلارنى باشقۇرۇش نىزامى لايىھەسى، ئۆلچەملەشتۈرۈش نىزامى لايىھەسى، دىن ئىشلىرى نىزامىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى، كوللېكتىپ كېڭىشىش نىزامى لايىھەسى توغرىسىدىكى ئىزاھاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلگەن.

مەزكۇر يىغىنغا قورچاق ئەمەلدارلاردىن ئاتالمىش «ئاپتونوم» رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت، ئاتالمىش «ئاپتونوم» رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دىلشات سايىم قاتارلىق ئەمەلدارلار قاتناشقان.

خەۋەردە گەرچە ئاتالمىش «ئاپتونوم» رايوننىڭ دىن ئىشلىرى نىزامنامىسىنىڭ ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۆزگەرتىلگەن نىزامنامەنىڭ نېمىلەرگە چېتىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 556 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2023 17:10:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق