خىتاي تۈرك تېلېگراف شىركىتىگە 80 مىليون ياۋرو قەرز بەردى

تۈرك تېلېگراف شىركىتى خىتاي ئېكسپورت-ئىمپورت بانكىسى بىلەن 80 مىليون ياۋرو ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز كېلىشىمى ئىمزالىدى.

جۇمھۇرىيەت گېزىتىنىڭ 31-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈرك تېلېگراف شىركىتىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلىرى مەبلەغنى ئىستراتېگىيەلىك ئاشۇرۇش پىلان دائىرىسى ئىچىدە، خىتاينىڭ ئېكسپورت-ئىمپورت بانكىسى بىلەن 80 مىليون ياۋرولۇق ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز كېلىشىمى ئىمزالىغان.

تۈرك تېلېگراف شىركىتىنىڭ ئاشكارىلاش سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «تۈرك تېلېگراف شىركىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن گۇرۇھىمىزنىڭ مەبلىغى، ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن، شىركىتىمىز خىتاينىڭ ئېكسپورت-ئىمپورت بانكىسى بىلەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن سىنوس سۇغۇرتا دائىرىسىدە 80 مىليون ياۋرو ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز كېلىشىمى ئىمزالاندى» دېيىلگەن.

تۈرك تېلېگراف شىركىتىنىڭ (KAP) قا بەرگەن باياناتىغا ئاساسەن، قەرز بەش يىللىق بولۇپ، قەرزنىڭ يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى 2028-يىلى 5-ئايغىچە، % 1.40يارۋرو، سۇغۇرتا ھەققى ۋە باشقا ئالدىنقى خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي خىراجەت يىلىغا %2.79 ياۋرو بولىدىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ 

بۇ خەۋەر 631 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2023 17:06:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق