تىبەت ئىشلىرى رەئىسى خىتاينىڭ كانادا سايلىمىغا ئارىلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى

كانادا تىبەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كانادا سايلىمىغا دۆلەت ھالقىپ ئارىلىشىش قىلمىشىنى ئاشكارا تەكشۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.

تىبەت ئاۋازىنىڭ 30-ماي خەۋەر قىلىشىچە، كانادانىڭ «چەتئەل ئارىلاشقان مەسىلىلەرنىڭ مۇستەقىل دوكلاتچىسى» يېقىندا تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كانادانىڭ يېقىنقى ئىككى قېتىملىق سايلىمىغا ئارىلىشىشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشىنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىك مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبلىك ئاشكارا تەكشۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. كانادادىكى نۇرغۇن ئەمەلدارلار ۋە كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشتا بولغان. بۇلار ئىچىدىكى تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىت قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ،  خوڭكوڭلۇقلار ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى شۇنداقلا كانادا تىبەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى مەزكۇر مەسىلىنى ئاشكارا تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، كانادانىڭ 2019-ۋە 2021-يىللىرىدىكى سايلامغا خىتاي كومپارتىيەسى ئارىلاشقان بولۇپ، يېقىندا باش مىنىستىر ترۇدو تەرىپىدىن تەيىنلىنىپ خىتاينىڭ كانادا سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى توغرىسىدىكى ئەھۋاللارنى تەكشۈرگەن كانادانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاھىدە ئەمەلدارى داۋىد جونستون23-ماي بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دېلو دۆلەت مەخپىي ئۇچۇرلىرىغا چېتىلىدىغان بولغاچقا، تەپسىلىي ئەھۋالنى ئاشكارىلاش تەۋسىيە قىلىنمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

« كانادا يەر شارى ۋە پوچتا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كانادادىكى نۇرغۇن پارتىيە ھالقىغان ئەمەلدارلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى شۇنداقلا ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى تەرىپىدىن پاراكەندىچىلىك ۋە تەھدىتكە ئۇچرىغان تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلار ۋە فالۇنگۇڭ مۇرىتلىرى ئاشكارا تەكشۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 493 قېتىم كۆرۈلدى
01/06/2023 17:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق