خىتاي رېجىمى يۈننەندىكى توقۇنۇشقا قاتناشقانلارنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا چاقىردى

خىتاي يۈننەندىكى ناگۇ مەسچىتىنىڭ مۇنارىنى چېقىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشقان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى ئۆزىنى مەلۇم قىلىشقا چاقىردى ۋە ئەكسىچە بولغاندا قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ 30-مايدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يۈننەن ئۆلكىسى تۇڭخەي ناھىيەسى تۇڭگان ئاپتونوم يېزىسى ناجايېڭغا جايلاشقان مەسچىتنىڭ مۇنار ۋە گۈمبەزلىرىنى چېقىۋېتىش پىلانى سەۋەبىدىن خىتاي ساقچىلىرى بىلەن تۇڭگانلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن بولۇپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن بىر قانچە كىشىنى قولغا ئالغانىدى.

مەزكۇر رايوندىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يەرلىك ئاھالە فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ناجايىڭ مەسچىتىنىڭ تۆت مۇنارى ۋە گۈمبەزلىرىنىڭ چېقىلىشى ھەققىدىكى پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن خەلق بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋەقەدىن كېيىن، ساقچىلار نارازىلىق بىلدۈرگەن كىشىلەرنى كەڭ كۆلەمدە قولغا ئېلىشقا باشلىغانلىقىنى،  29-مايغىچە، ناھىيەگە نەچچە يۈزلىگەن ساقلىغۇچى ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، مەسچىتكە يېقىن ئاھالىلەرنىڭ تورنىڭ ئۈزۈۋېتىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.

28-ماي تۇڭخەي ناھىيە دائىرىلىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا: «ج خ ئورگانلىرى جەمئىيەت باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغان كىشىلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دېلو تۇرغۇزدى. بۇ دېلو ئېغىر ئىجتىمائىي تەسىر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، ئالاقىدار كىشىلەر 6-ئىيۇندىن بۇرۇن ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك. ئۆزىنى مەلۇم قىلمىغانلار قاتتىق جازالىنىدۇ» دېيىلگەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 773 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2023 16:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق