خىتاي تارىم ئويمانلىقىدا 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتا قۇدۇق بۇرغىلاشقا باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئۈزلۈكسىز بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يېقىندىن بېرى بۇلاڭ-تالاڭنى تېخىمۇ كۈچەيتكەندىن سىرت، ھەرخىل تەجرىبە، سىناقلارنى قىلغان. خىتاي بۇ قېتىم يەنە تارىم ئويمانلىقىدا قۇدۇق بۇرغىلاشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ قۇدۇققا «چوڭقۇر تارىم ئىلمىي تەكشۈرۈش 1-قۇدۇقى» دەپ نام بەرگەن. مۆلچەردىكى بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش چوڭقۇرلۇقى 11 مىڭ 100 مېتىر بولۇپ، بۇ جاي دەل تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، بۇرغىلاشتىن ئىلگىرى يەر يۈزىگە تەخمىنەن 20 قەۋەتلىك بىنا ئېگىزلىكىدىكى پولات مۇنار ئورنىتىلغان بولۇپ، بۇرغىلاش باشلانغاندىن كېيىن، ئېغىرلىقى 2000 توننىدىن ئاشىدىغان بۇرغا بېشى، بۇرغا تۇرۇبىسى، كىيدۈرمە تۇرۇبا قاتارلىقلار يەر ئاستىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بور سىستېمىسى قاتارلىق 10 نەچچە يەر قاتلىمىنى تېشىپ ئۆتۈپ، يەر شارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىنى تەكشۈرىدىغان «تېلېسكوپ»قا ئايلىنىدىكەن.

خەۋەردە 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى قۇدۇقنى بۇرغىلاش يەر شارىنىڭ نامەلۇم ساھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئىنسانلارنىڭ بىلىش پاسىلىنى كېڭەيتىشتىكى بىر قېتىملىق سىناق ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئالدىنقى ئەسىردە خىتاي رېجىمى ئاتوم بومبىسى قاتارلىق ھالاكەتلىك قوراللارنى شەرقىي تۈركىستاندا سىناق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئاپەت خاراكتېرلىق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن باشقا، مۇھىتنىڭ ئېغىر بۇلغىنىشىغا سەۋەب بولغان. بۇ قېتىم خىتاي 10 مىڭ مېتىرلىق قۇدۇق سىنىقىنى شەرقىي تۈركىستاندا باشلىغان.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 1361 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2023 16:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق