مالايشىيا ھۆكۈمىتى خىتاي پاراخوتىنى تۇتۇپ قالدى

مالايشىيا ھۆكۈمىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا چۆكۈپ كەتكەن ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ ئۈسكۈنىلىرىنى بۇلاشقا قاتناشقان خىتاي پاراخوتىنى تۇتۇپ قالدى.

مالايشىيا دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسى 29-ماي ئاشكارىلىشىچە، خىتاي پاراخوتىدا 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن قالغان زەمبىرەك ئوقىنىڭ قالدۇقلىرى تېپىلغان بولۇپ، خىتاي توپ مال توشۇغۇچى پاراخوتىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جەنۇبىي دېڭىزدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئىككى ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ قالدۇقلىرىنى تەكشۈرۈپ سۈزۈش ۋەقەسىگە قاتناشقان-قاتناشمىغانلىقىنى تەكشۈرگەن. ئاخىرىدا خىتاي يۈك پاراخوتىنى مالايشىيا دېڭىز تەۋەلىكىدە رۇخسەتسىز لەڭگەر تاشلىغانلىقى سەۋەبلىك تۇتۇپ قالغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاينىڭ قانۇنسىز سۈزۈۋېلىش ھەرىكىتى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئالدىنقى ھەپتە ئەنگلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسى مۇزېيى، چۆكۈپ كەتكەن ئىككى پاراخوتنىڭ مەنپەئەتنىڭ قۇربانى بولۇپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

BBC نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر پاراخوتنى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئارمىيەسى چۆكتۈرۈۋەتكەن بولۇپ، پاراخوتتىكى 842 ئەنگلىيەلىك ماتروس ئۆلۈپ كەتكەن. ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ پاراخوت قالدۇقلىرىنى سۈزۈش قىلمىشىنى بىلگەندىن كېيىن، دېڭىز ئارمىيە قەبرىستانلىقىنى ۋەيران قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىگەن.

مالايشىيا دېڭىز ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، فۇجۇدا تىزىمغا ئالدۇرغان 32 پاراخوت خادىمى بار خىتاينىڭ يۈك پاراخوتى مالايشىيانىڭ جەنۇبىدىكى جوخور ئىشتاتى خادىملىرىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە مالايشىيا تەۋەلىكىدە لەڭگەر تاشلاش ئىجازەتنامىسىنى كۆرسىتەلمىگەن. پاراخوتنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش جەريانىدا، كېرەكسىز تۆمۈر ۋە داتلاپ كەتكەن زەمبىرەك ئوقى بايقالغان بولۇپ، مەزكۇر زەمبىرەك ئوقلىرىنىڭ قالدۇقلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

تەييارلىغۇچى: ئابدۇخەبەر رەجەپ

بۇ خەۋەر 707 قېتىم كۆرۈلدى
31/05/2023 16:15:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق